خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلفونى : 0991-8562100
رىشتە
مەن ئىرپان ھەردەم كومپيۇتىرى سېتۋالاي دىگەن توردا باھاسى يوقكەن، شۇڭا باھاسىنى سۇراپ باقاي دىگەنتىم .
2012-03-24 18:10:32
ياخشىمۇ سىز! ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن باھاسى ئوخشىمايدۇ.ئايرىم-ئايرىم 2880سوم، 2980 سوم، 3690سوم.
Admin
ئابلەت
ئىرپان كومپىيۇتىرىغا باشقا xp سېستىمىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن، سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلمىدىم. بۇنىڭغا ئايرىم يۇمشاق دېتال كېتەمدۇ؟
2012-03-24 14:33:01
ياخشىمۇ سىز! ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرىنىڭ سىمسىز توركارتىنىڭ قوزغاتقۇچىنى (驱动) نى قاچىلىشىڭىز ۋە ھەردەم كومپيۇتېر ئالدى سول تەرەپتىكى سىمسىز توركارتىسىنى ئاچسىڭىز بولىدۇ. ئامان بولۇڭ.
Admin
nureliy
ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى بۇنىڭدىن كېيىن سىتېلمامدۇ؟
2012-03-24 14:19:49
ياخشىمۇ سىز! ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى بۇندىن كېيىن سېتىلمايدۇ.
Admin
مۇختار رەجەپ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئىرپان شېركىتىدىكى بارلىق خادىملار ، سالامەت بولغايسىلەر . مەن 2009-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى باش سېتىش نۇقتىسىدىن ئىرپان ئوكيانۇس لوغىتى ئالغانىدىم . تور بېتىڭلاردىن تۇلۇقىما قىسىمىنى چۈشۈردۈم ، ئەمما ئورناتقان چاغدا مەخپىي شىفىر سوراپ قالدى . بۇنى بىلمەيدىكەنمەن . بولسا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار. ئۆزۈم ھازىر ئۈرۈمچىدە, ئۈرۈمچىدىكى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىغا بارسام ئوكيانۇسنى قايتا ھەقسىز تەڭشەپ ،دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرەرسىلەرمۇ ؟
2012-03-24 14:17:24
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! ئىرپان ئوكيانۇس لۇغىتىنىڭ ئەلالاشتۇرۇش پارولىنى شىركەتكە تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. توردا ئاشكارلانمايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئەلالاشتۇرۇش ھۆججىتى توردا تارقىتىلمايدۇ. ئۇنى پەقەت ئۈرۈمچىدىكى باش سېتىش ئورنىدىلا يېڭلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
Admin
torbajin
مېنىڭ نەۋرە ئاكام بالىسى بېيجىڭدا توغۇلغان .ھازىر 6 ياش ئەتراپىدا ئاتا- ئانىسى بولسا خەنزۇۋان دۆلەت خىزمەتچىسى جىيەنىم ئىككى يىل ئالدىدا دىيارىمىزدا تورۇپ كەلگەچكە ئۇيغۇرچىنى شۇنداق بەلەن سۆزلەيتى. ھازىر بولسا بىر ئېغىزمۇ سۆزلەشنى بىلمەيدىغان ھالاتكە بېرىپ قاپتۇ. يۇقارقىي ئەھۋالنى بىلىپ مېنىڭ ئېچىم ئېچىشىپ نەۋرە ئاكامغا : بالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش توغرىسىدا گەپ قىلسام ،مەنمۇ ئۆگىتەي دىگەن ،لىكىن قايسى كىتاپ ماس كىلەركىن دەيدۇ.سىلەر ماڭابىرەر مەسھۇلاتىڭىلارنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار ،مەن شۇنى نەۋرە ئاكام بالىسىغا سوغا قىلاي دىگەن.
2012-03-24 14:37:00
ياخشىمۇ سىز! سىزنىڭ جىيەنىڭىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغىنى ئىرپان ئاۋازلىق كىتابلىرى، بۇ بىر يۈرۈش ئاۋازلىق كىتابلار ئون پارچە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى جىيەنىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىزمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇر تىلنى ياخشى ئۆگىنەلىشىگە ياردەم بىرىدۇ. سىز شىركىتىمىزگە تېلېفون قىلىپ ياكى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنىغا بىرىپ كۆرۈپ، ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئامان بولۇڭ.
Admin
Mahmutjan Amar Bihsu
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مېنىڭ ئىرپان لۇغىتىگە نىسبەتەن مۇنداق بىر تەكلىپ پىكىرىم بار ئىدى، ئويلىشىپ باققان بولساڭلار: يەنى لۇغەتنىڭ سىرتقا قارىتا توردا ئىشلەيدىغان ئېغىز تەمىنلىيەلەسىلەرمۇ ھە، مەسىلەن: webservice شەكلىدە دېگەندەك. جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.
2012-03-24 14:43:29
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! ھازىرچە سىرتقا قارىتا ئىغىز تەمىنلەنمىدى، ئەمما سىرتقا قارىتا ئىغىز بىلەن تەمىنلەش پىلانىمىز بار. ئىنىق ۋاقتى ھازىرچە ئاشكارلانمايدۇ.ئامان بولۇڭ.
Admin
سۆز قالدۇرۇڭ

新公网安备 65010202000452号