خەۋەرلەر
ئىرپان ھەققىدە
  • 2016-03-19
  • 13172

ئىرپان

 


ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى 2003 – يىلى قۇرۇلدى.

 شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۈچ تىللىق ئېلېكترون لۇغەت IRPAN A33نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.

2004 – يىلى 8 – ئايدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان IRPAN UC233 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سالدى.

2005 – يىلى 7- ئايدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان IRPAN 100 تىپلىق لۇغەتنى ئىشلەپچىقىرىپ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

2006 – يىلى ئەتىيازدا ئەرەب، ئىنگلىز، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت 4 تىلنى ئاساس قىلغان IRPAN 310 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سالدى.

2007 – يىلى 8 – ئايدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە 3 خىل تىل، 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت، تەلەپپۇز ئىقتىدارى، MP3 ئىقتىدارى قېتىلغان IRPAN 330 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سېلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

2007 – يىلى 10 – ئايدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن "ئىرپان ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى" نى بازارغا سېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلدى.

2008 – يىل ئاپرېلدا قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان IRPAN K308 تىپلىق ئېلېكترون لۇغەتنى ئىشلەپ چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

2008 – يىلى 12 – ئايدا رۇس تىلى قوشۇلغان، 4 تىلنىڭ 16 خىل يۆنۈلۈشتىكى لۇغەتلىرى كىرگۈزۈلگەن رەڭلىك ئېكرانلىق لۇغەتنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ رايونىمىزدىكى رۇس تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە زور خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى.

2009-يىلى ئىرپان لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن، تېلېۋىزۇر كۆرۈش ئىقتىدارى ئىگە تۇنجى ئىرپان يانفونى بازارغا سېلىندى.

2009-يىلى «دىۋانى لۇغەتى تۈرك» قوشۇلغان، سەزگۈر ئېكرانلىق، PDF, Word, Excel, HTML ھۆججەتلىرنى كۆرۈشكە بولىدىغان لېنىكۇس سىستېمىلىق 9 تىللىق لۇغەتنى ئىشلەپچىقارغان.

2010-يىلى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالغان دەرسلىك كىرگۈزۈلگەن «ئىرپان 2010» تىپلىق ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرىنى بازارغا سالغان.

2010-يىلى يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش، ساۋاد چىقىرىش ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن «ئىرپان شادىمان بالىلار ئاۋازلىق كىتاب» چەكمە قەلەملىك بىر يۈرۈش كىتابلارنى بازار سالغان. 

2010-يىلى يەنە شىركىتمىز ئۆزى بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ، مودىل ئىچىپ ئىشلەپ چىققان ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق، رەڭلىك ئېكرانلىق، بەش تىللىق لۇغەت بازارغا سېلىنغان.

2011-يىلى شىركىتمىز تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۈزۈپ چىققان «ئىرپان شادىمان بالىلار ئاۋازلىق كىتابلىرى» ئاساسىدىكى قازاقچە چەكمە قەلەم ئىشلەپچىقىرىلغان. 

2011-يىلى ئىرپان تارىم تۈرى T6 تىپلىق، ئالتە تىللىق، ئاۋازلىق لۇغەت بازارغا سېلىنغان.

2011-يىلى يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك كىرگۈزۈلگەن، يېڭى دەرسلىكلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخسۇسلاشقان «ئىرپان ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى»نى بازارغا سالغان.

2012-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۈيۈك ئەسەر، تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ نەسرىي يەشمىسىنىڭ ئاۋازلىق نەشرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. 

2013-يىلى شىركىتمىز ياشلارغا ۋە ئاتا-ئانىلارغا پەند-نەسىھەت خاراكتىرىدىكى بىر نەچچە پارچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. 

2014-يىلى ئىرپان لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن ئاندىروئىد سىستېمىلىق ئىككىنجى ئەۋلاد ئىرپان يانفونىنى بازارغا سالغان.

2015-يىلى 1-ئايدا شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنى ئىشلەپچىقىرىپ،  بېيجىڭ خەلق سارىنىڭ بېيجىڭ يىغىن زالىدا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان ئالاھىدە تارقىتىش مۇراسىمى ئىلىپ بىرىلدى.

2015-يىلى 9-ئايدا («بىر بەلباغ، بىر يول»نى قانداق چۈشىنىمىز) ناملىق ئاۋازلىق ۋە كىتاب شەكىلدىكى نەشرى بازارغا سېلىندى.

2015-يىلى 11-ئايدا قازاق ئالىمى ئاباي قۇنانباينىڭ «ئاباي ھېكمەتلىك سۆزلىرى» ناملىق ئاباينىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە ئۈچ تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرى ۋە كىتاب نەشرى بازار سېلىندى.

2015-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نەشرى ۋە كىتابىنى نەشرى قىلىپ بازارغا سالدى.

2016-يىلى 2-ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۇيغۇرچە نەشرى ھوقۇقىنى سېتىۋىلىپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىپ چىققان «ئىنتېرنېت دەۋرى» ناملىق ئون قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى نەشرى قىلىپ بازارغا سالدى. 

 


2006 – يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىندا ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ "ئىرپان" ماركىسى جۇڭگودىكى ئېلېكترون كاخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى 300 شىركەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ليەنشاڭ، خەيئېر، كاڭجيا، چۇاڭۋىي، TCL قاتارلىق شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مېدىيە بىناسىدا "ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلىشى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى" يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگونىڭ داڭلىق ئېلېكترون شىركەتلىرىدىن ليەنشاڭ، خەيئېر، چۇاڭۋىي، كاڭجيا، TCL قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر قاتناشقاندىن سىرت رايونىمىز تەۋىسىدىن ئېلېكترون مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەردىن ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىمۇ قاتناشتى. 2008 – يىللىق جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىدا "ئىرپان" ماركىسى 49 مىليون يۈەنلىك ماركا قىممىتى بىلەن 281 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، "جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىسى ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور داڭلىق ماركا" ۋە "غەربى رايوندىكى داڭلىق ئېلېكترون ماركىسى" دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 

新公网安备 65010202000452号