خەۋەرلەر
رۇسچە قوشۇلغان رەڭلىك ئېلېكترون لۇغىتى
  • 2016-03-21
  • 1597
مەھسۇلات قاتتىق دىتال ئۆلچىمى: ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ 2008 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻥ ﻟﯘﻏﻪﺗﻜﻪ 2.8 ﺩﯨﻴﯘﻣﻠﯘﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، 1Gb ﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ 2Gb ﻟﯩﻖ T-Flash ﻛﺎﺭﺗﺎ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. 680 mAh ﻟﯩﻖ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﯩﺘﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ USB ﺋﯘﻻﺵ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺋﯘﻻﭖ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 
 

دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. تەرەققىياتنىڭ ھەربىر قەدىمى بىزنى تېخىمۇ ئېغىر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا پاتۇرماقتا. بىز ئۆگىنىشكە، چۈشىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپەيمەكتە...كۆپ تىل بىلىش بولسا بىلىم ئېلىش، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۆزگىلەردىن ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلانماقتا.
بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق تەقدىرى ئۇنىڭ باشقا مىللەت مەدەنىيىتى بىلەن قانچىلىك سەۋىيىدە دىئالوگلىشالايدىغانلىقىغا باغلىق. دىئالوگ تىلدىن باشلىنىدۇ. چۈشىنىش تىلنى ۋاستە قىلىدۇ. بىلىش- بىلدۈرۈش تىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قانچىكى كۆپ تىل بىلىدىغانلار باشقىلارنىمۇ شۇنچە ياخشى چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنىمۇ باشقىلارغا شۇنچە قايىل قىلارلىق تۈستە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. 
تەرەققىيات بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي يۆتكەپ - سېتىش، باققالچىلىق ئەندىزىسىدىكى سودا- تىجارەت ئۇسۇلىمىزغا، مەكتەپ ئىچىدىلا چەكلىنىپ كەلگەن تەربىيىلىنىش ئادىتىمىزگە، بېكىنىپ ياشاشقا كۆنۈككەن تۇرمۇش شەكلىمىزگە سوئال قويماقتا. بىز تەرەققىيات، يۈكسىلىش ئىستىمەكتىمىز؛ زامانغا خاس سۈپەت- ساپاغا ئىگە مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز. بۇ ھال بىزنى تەبئىي ھالدا تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن كۆۋرۈككە موھتاج قىلدى. ئالاقىدىكى تىلسىزلىق تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز تونۇپ يەتتۇق. تىلى بار تىلسىزلاردىن بوپقالماسلىق سەگەك ئاڭغا ئىگە ھەربىر كىشىنىڭ ئەندىشىسىگە ئايلاندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشنى مەقسەت قىلغان زامانىۋىي تىل ئۆگىنىش قورالى «ئىرپان» دەل مۇشۇ توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزدە بىزگە قابىل ھەمراھتۇر.
«ئىرپان» لۇغەتلىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە،فرانسىيە، ئىتالىيە، مىسىر، تۈركىيە... قاتارلىق دۆلەتلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ قولىغا قورال، تىلىغا كۆۋرۈك بولۇۋاتىدۇ. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياش غۇنچىغىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئەلىيۇل ئەلاغىمۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرگىمۇ، مۇنبەرلەردە دەرس سۆزلەۋاتقان ئۇستازلارغىمۇ ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئىلىم قورالىغا ئايلاندى. «ئىرپان» دۇنياغا ئوچۇق كۆز بىلەن نەزەر سېلىشنى ئىستىگۈچىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى.
سىزنىڭ ئانا تىلنى قەدىرلەپ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىنگلىز تىلى،رۇس تىلى قاتارلىق تىللارنى پىششىق ئىگىلەپ دۇنياغا يۈزلەنگەن سەرخىللاردىن بولۇپ چىقشىڭىز ئىرپانلىقلارنىڭ ئورتاق ئۈمىدى.

تىل دىللارغا يول بەرگەي،
«ئىرپان» سىزگە قول بەرگەي.

بۇ كەڭ ئىستىمالچىللىرىمىزغا سۇنغان يېڭى مەھسۇلاتىمىز ئىرپان 2008 تىپلىق رۇسچە قوشۇلغان ئېلكترون لۇغەت بولۇپ ئاساسلىق ئىقتىدارى 8 چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلگەن. ھەر بىر قىسىم ئۆز ئالدىغان مۇستەقىل ھالدا خىزمەت قىلىدۇ.

 

بۇ كەڭ ئىستىمالچىللىرىمىزغا سۇنغان يېڭى مەھسۇلاتىمىز ئىرپان 2008 تىپلىق رۇسچە قوشۇلغان ئېلكترون لۇغەت بولۇپ ئاساسلىق ئىقتىدارى 8 چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلگەن. ھەر بىر قىسىم ئۆز ئالدىغان مۇستەقىل ھالدا خىزمەت قىلىدۇ.

1-لۇغەت 
بۇ قىسىمدا بىر ئىزدەش سۇپىسى ۋە كۆرسىتىش سۇپىسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، قازاقچە،قىرغىزچە، ياپۇنچە، كورىيەچە، تۈرۈكچە.... قاتارلىق تىللاردىكى لۇغەتلەرنى ئىشلەتكۈچى ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
ئىشلەتكۈچى ئىزدەپ تاپقان سۆزنىڭ مەناسى ياكى چۈشەندۈرۈشلىرى ئارىسىدىكى مەلۇم خەت، ياكى مەلۇم سۆزنى لۇغەتنىڭ تەتۈر ئىزدەش ئىقتىدارى (F3 كۇنۇپكىسى) ئارقىلىق ئۆزى خالىغان لۇغەت يۆنىلىشىدىن ئىزدەپ تاپالايدۇ. 
ئىزدىگەن سۆزنىڭ مەنىداش ۋە قارىمۇقارشى مەنلىك سۆزلىرىنىمۇ لۇغەتنىڭ ماس ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ.
لۇغەتكە كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تاپقان بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئاۋازلىق تەلەپپۇز قىلىپ بىرىدۇ.
ئىشلەتكۈچى ئۆزىدىكى بار بولغان سۆزلۈكلەر ( ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپۇنچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ياپۇنچە، كورىيەچە، گىرمانچە، ئىسپانچە، فىرانسۇسچە، ۋيېتنامچە، تۈرۈكچە تىللاردىكى) دىن پايدىلىنىپ لۇغەت ئامبىرى قۇرۇۋىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

2-تىلماچ (تەرجىمان)
بۇنىڭدىمۇ ئىزدەش، كۆرسىتىش سۇپىسىدىن باشقا ئىنگلىزچە (ئادەم تەلەپپۇزى) خەنزۇچە ئاۋازمۇ تەمىنلەنگەن. ئىشلەتكۈچى خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە سۆز ياكى جۈملىنى ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن سىرت. ئىشلەتكۈچى كىرگۈزگەن سۆز ياكى جۈملىنى (F4 كۇنۇپكىسى) ۋە تەرجىمە قىلغاندىن كېيىنكى سۆز ياكى جۈملىنى (ئوقۇش كۇنۇپكىسى) تەلەپپۇز قىلىپ بىرىدۇ.
خەنزۇچە بىلەن ئىنگلىزچىنى كىرگۈزۈشتە كىرگۈزۈش كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرىدۇ.

3-ئۆگىنىش
بۇ مەزمۇن تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدىكى ئۆگىنىش مەيدانى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرغان تېكسىت، ئاۋاز، سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەزكۇر قىسىم ئۆگەنمەك، ئۈن دەرسخانىسى، سىن دەرسخانىسى، ئاڭلاش مەشىقى، كەچلىك ئىنگلىز تىلى ۋە يادنامىدىن تەركىب تاپقان. 
3.1 . ئۆگەنمەك : مەزكۇر ئىقتىدار ئۆگەنگۈچىلەرگە بارلىق تىللارنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچى بولغان گىرامماتىكىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3.2 . ئۈن دەرسخانسى : مەزكۇر دەرىسخانا ئۆگەنگۈچىلەرگە تېكسىتىنى كۆرۈپ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3.3 . سىن دەرسخانسى : مەزكۇر دەرسخانا ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەينى مۇئەللىم نەخ مەيداندا دەرس سۆزلەۋاتقان تەقلىدىي مۇھىت ھازىرلارپ بىرىدۇ.
3.4 .ئاڭلاش مەشىقى : مەزكۇر ئىقتىدار ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆگىنىپ بولغان ياكى ئۆگىنىۋاتقان مەزمۇنلىرىنىڭ سۆزى، جۈملە ياكى تېكسىتلىرىنى تەكرار قىلىش مەيدانى ھازىرلاپ بىرىدۇ.
3.5 .كەچلىك ئىنگلىز تىلى : ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئەسلەش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىدۇ.
3.6 .يادنامە : مەزكۇر ئىقتىدار ئىشلەتكۈچىلەرگە سۆزىلەرنى تۈر ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياد ئىلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

4-بىلگۈلەر
بۇ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرگە بىرقىسىم كەڭ دائىردىكى بىلىملەر بىلەن ۋاقتى -ۋاقتىدا خىزمەت قىلىش ھازىرلىقىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ قىسىم تۆۋەندىكى ئىقتىدارلاردىن تەركىب تاپقان.
4.1 .ھېسابلىغۇچ
4.2 . دەرس سېتكىسى: ئىشلەتكۈچى ئالدىن كومپيۇتېردا تەييارلىۋالغان دەرس سېتكىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
4.3 .ئېلېمېنېتلار جەدۋىلى
4.4 .ئېلىپبە:ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئېلىپبەسى ھازىرلانغان.
4.5 . رايون نومۇر: دىيارىمىزدىكى شەھەر، ناھىيە ۋە يىزىلارنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە نامى ۋە پوچتا رايون نومۇرلىرىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.
4.6 . دۆلەتلەر:ئىشلەتكۈچىگە 192 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نامى، پايتەخىت نامى، تېلېفون رايون نومۇرى، يەر مەيدانى، ب د ت گە ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋاقتى، نۇپۇسى، جۇغراپىيلىك ئورۇنلىشىىش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئىتىدۇ
4.7. دىيارىمىز: دىيارىمىزدىكى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيلەرنىڭ سانى ۋە نامى كىرگۈزۈلگەن.
4.8 .تور بەتلەر: دىيارىمىزدىكى داڭلىق بولغان تور بەت ئادرىسلىرى كىرگۈزۈلگەن.
4.9 .كارخانلىرىمىز : دىيارىمىزدىكى كارخانىلار توغرىسىدا ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن.
4.10 . خەت مەشىقى: خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يىزىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان.
4.11. يان بۆلەك: خەنزۇچە 100 يان بۆلەكنىڭ نامى مىسالى كىرگۈزۈلگەن.
4.12. ئولىمپىك: 29 قىتىملىق ئولىمپىك يىغىننىڭ ئچىلغان ۋاقتى، قاتناشقان دۆلەت، تۈر، ئادەم سانى ۋە ئىرىشلىگەن مىداللار سانى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
4.13. سىلىشتۇرۇما سۆزلەر: بىرتانىيە ئىنگلىز تىلى بىلەن ئامرىكا ئىنگلىز تىلدىكى پەرىقلىنىدىغان سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن.
4.14. مىللەتلەر: 56 مىللەتنىڭ نامى، نۇپۇسى، جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
4.15. ماركىلار: خەلقئارادىكى 500 چوڭ ماركىنىڭ نامىنى، دۆلەت تەۋەلىكى، ئاساسلىق سودىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
4.16. ئوقۇشلۇق. 

5-ئېلكىتاب
يۇنىكود ئۆلچىمىدكى تېكسىت ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ كۆرگىلى بولىدۇ. ۋە خەنزۇچە تېسكىستلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرىدۇ.

6-فىلەش
Swf فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇش ئىقتىدار تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرنىڭ بىرى.

7-مېدىيە
بۇ ئىقتىدار مەزكۇر لۇغەتنىڭ ئاساسلىق ئىتقدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ. بۇ ئىقتدار تۆۋەندىكىلەردىن تەركىب تاپىدۇ؛
7.1. سىن قويغۇ: Avi فورماتتىكى ياكى Flv فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ. ئىشلۈچىلەر youtube, youku, tuduo, 56 ... قاتارلىق تور بەتلەردىن چۈشۈرۋالغان ناخشا-مۇزىكا، كىنو قاتارلىقلارنى بىۋاستە قاچىلاپلا قويالايدۇ.
7.2. ئۈن قويغۇ: Mp3 فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ.
7.3.ئۈن ئالغۇ: 40 سائەتتىن ئارتۇق ئاۋازغا ئالغىلى بولىدۇ.
7.4 ئۈن قويغۇ: ئالغان ئاۋازنى قويۇشقا ياكى wav فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى قويۇشقا بولىدۇ.
7.5 سۈرەتكۆ: بۇ ئىقتىدار مەزكۇر لۇغەتتى ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. Jpg, gif,bmp.... قاتارلىق فورماتتىكى سۈرەتلەرنى كۆرگىلى، چوڭايتىپ-كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.

8-ئويۇن
مەزكۇر ئىقتىدارغا بۇرۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوينىغان تانكا، رامبو، ھۇجۇمچى... قاتارلىق 60 كە يىقىن ئويۇن تەمىنلەنگەن.

مەھسۇلات قاتتىق دىتال ئۆلچىمى:
ﺋﯩﺮﭘﺎﻥ 2008 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻥ ﻟﯘﻏﻪﺗﻜﻪ 2.8 ﺩﯨﻴﯘﻣﻠﯘﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﺮﺍﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، 1Gb ﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ 2Gb ﻟﯩﻖ T-Flash ﻛﺎﺭﺗﺎ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. 680 mAh ﻟﯩﻖ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﯩﺘﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ USB ﺋﯘﻻﺵ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺋﯘﻻﭖ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

يەككە سېتىلىش باھاسى 598 سوم.

新公网安备 65010202000452号