خەۋەرلەر
قازاقچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە لۇغەت
  • 2016-03-21
  • 1428
ناخشا-مۇزىكا ۋە ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى ئاڭلاش، ماس قەدەملىك تېكىست ھۆججىتىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بارماق دىسكا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. سىغىمى 110 مىگابايىت. 
 

 

لـۇغەت: خـەنزۇچە-قازاقچە، قازاقچە-خـەنزۇچە،  ئىنگلىزچـە-قازاقچە، خەنزۇچە-ئىنگلىزچە ، ئىنگلىزچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە ھازىرقى زامان لۇغىتى، ئىنگلىزچە – ئىنگلىزچە قاتارلىق يەتتە چوڭ لۇغەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە،كەسپىي لۇغەت قىسمىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالدى. ئىشلەتكۈچى كەسپىي لۇغەتلەرنى شىركىتمىز توربىتىدى چۈشۈرۋالسا بولىدۇ. (ھازىرچە كىشى ئىىسىملىرى لۇغىتى تەمىنلەندى)

خەنزۇچە، ئىنگلىزچە سۆزلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرىدۇ.

ئۆگىنىش: ماتىېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەردىكى مۇھىم فۇرمۇلا ۋە تۇراقلىق مىقدارلار كىرگۈزۈلگەندىن باشقا خىمىيە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى ۋە  ئېلېمېنىتلارنىڭ قازاقچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نامى، ئاتوم رەت نومۇرى، ئاتوم ئېغىرلىقى، سىرتقى قەۋەت ئېلېكترونلارنىڭ جايلىشىشى، يادرو سىرتىدىكى ئېلېكترونلارنىڭ جايلىشىشى، ۋالېنتلىقى، زىچلىقى، ئېرىش نۇقتىسى، قايناش نۇقتىسى، دەۋرىي تەۋەلىكى، تەۋەلىك تۈرى، ئاتوم رادىئۇسى، ئىئون رادىئۇسى، كۇۋالېنتلىق رادىئۇسى، ئىزوتوپ رادىئوئاكتىپلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار، خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

MP3 قويغۇچ: ناخشا-مۇزىكا ۋە ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى ئاڭلاش، ماس قەدەملىك تېكىست ھۆججىتىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بارماق دىسكا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. سىغىمى 110 مىگابايىت.

 ۋاقىت: كالېندار، قوڭغۇراق، سىستېما ۋاقتىنى تەڭشەش، سېكۇندومېر قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھېسابلىغۇچ: ھېسابلىغۇچ، سانلار سىستېمىسىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تېلېفون دەپتىرى: ئىسىم، يان تېلېفون، ئادرېسى، ئورنى، QQ نومۇرى، پوچتا نومۇر، ئېلخەت ئادرېسى، قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ ساقلاشقا، ئۆچۈرۋىتىشكەم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھەم  ئىسمى بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتاب كۆرۈش (E-book):Unicode  ئۆلچىمىدىكى تېكسىت ھۆججىتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ھەم لۇغەتنىڭ (ئۆزگەرتىش) كۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى بەتنى ساقلىۋالغىلى، كىيىنكى قىتىم مۇشۇ يەردىن باشلاپ كۆرگىلى بولىدۇ.

ئويۇن: ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرى ئۈچۈن ساندۇق ئىتتىرىش ۋە يىلان ئويۇنى كىرگۈزۈلدى.

 سىستېما: سىستېمىنـى بـەلگىلەش، مـاتېرىيـال بـاشـقۇرۇش، كىتاب كۆرۈش ئىقتىدارنىڭ ساقلىغۇچىنى ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بار.

 

بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى: 498 سوم 

 

新公网安备 65010202000452号