خەۋەرلەر
ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
  • 2016-03-21
  • 1354
 ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە 60 مىڭ، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە 30 مىڭ، خەنزۇچە ئۇيغۇرچە 150 مىڭ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 40 مىڭ سۆزلۈك ، شۇنداقلا 6700 خەنزۇچە تاق خەت كىرگۈزۈلگەن 
 

مەزكۇر لۇغەت ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، خەنزۇچە تاق خەتلەر لۇغىتى(شىنخۇا لۇغىتى)، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي لۇغەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە 60 مىڭ، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە 30 مىڭ،  خەنزۇچە ئۇيغۇرچە 150 مىڭ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە 40 مىڭ سۆزلۈك ، شۇنداقلا 6700 خەنزۇچە تاق خەت كىرگۈزۈلگەن.

     ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ئوخشىمىغان مۇھىتلاردا ئىشلىتىلىدىغان 900 جۈملىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ۋە ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەندىن سىرت، ئىنگلىزچە خەلقئارالىق تاۋۇش بەلگىلىرى، خەنزۇ تىلى تاۋۇشلىرى، شۇنداقلا ئەرەب تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەرپلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىش قائىدىسى كىرگۈزۈلگەن.

     بۇ لۇغەتنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، Unicode ئۆلچىمىدىكى ئارىلاش يېزىقلىق تېكىست ھۆججەتلىرى ۋە mp3ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى ياردەمچى پروگرامما ئارقىلىق لۇغەت قوللايدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، لۇغەتكە قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

     مەزكۇر لۇغەتكە ئالدىنقى بىر نەچچە ئەۋلاد ئىرپان لۇغەتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇنلار، زۆرۈر ئاممىباب ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەندىن سىرت، ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەر ۋاقىت قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، ئېكرانغا يورۇتۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.

 

新公网安备 65010202000452号