خەۋەرلەر
خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت
  • 2016-03-21
  • 1535
مەزكۇر لۇغەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولۇپ، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەت لۇغىتى (شىنخۇا لۇغىتى)، تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى سۆزلۈكلىرى ۋە مىللىيلاردىن ئېلىنىدىغان خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ 
 

مەزكۇر لۇغەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىللىق قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولۇپ، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى، خەنزۇچە تاق خەت لۇغىتى (شىنخۇا لۇغىتى)، تۇراقلىق ئىبارىلەر لۇغىتى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى سۆزلۈكلىرى ۋە مىللىيلاردىن ئېلىنىدىغان خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا ئائىت سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     بۇ لۇغەتكە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئوخشىمىغان مۇھىتلاردا قوللىنىلىدىغان 600 ئارتۇق جۈملىنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇچە تەلەپپۇزى ۋە ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما تەرجىمىسى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تەلەپپۇزى كىرگۈزۈلگەن.

     ئۇندىن باشقا مەزكۇر لۇغەتتە ھەر ساھە كەسپىي ئاتالغۇلار لۇغىتى تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىز شىركىتىمىزنىڭ تور بېتىدىن ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مائارىپ، قاتناش، قانۇن، باج، پۇل-مۇئامىلە، مېدىتسىنا، كومپيۇتېر، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھەربىي ئاتالغۇلار، سۇ ئىشلىرى ... قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي لۇغەتلەرنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.

     بۇ لۇغەتنىڭ يەنە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يېقىملىق ناخشىلارنى ئۇلاش سىمى ئارقىلىق لۇغىتىڭىزگە قاچىلاپ، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئاڭلىيالايسىز.

新公网安备 65010202000452号