خەۋەرلەر
ئىرپاندىن يېڭى يىللىق يېڭىلىقچە
  • 2016-03-21
  • 4305
 
ئېكران: 2.8 دىيۇملۇق، 16:9 نىسبەتتىكى 400*240 لىق ھەقىقىي يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى ئېكران. ئىچكى ساقلىغۇچ: 64 مىگابايت ئىشلەتكۈچى ساقلىغۇچ: 4 گىگابايت سىرتتىن كىڭەيتىشكە بولىدىغان ساقلىغۇچ: TF كارتىنىڭ 16 گىگابايتلىققىچە بولغىننى قوللايدۇ، لۇغەتنىڭ ئومۇمىي سىغىمىنى 20 گىگابايىت كۇنۇپكا: 57 كۇنۇپكا ئۈنئالغۇ: ئاۋازغا ئىلىشقا بولىدۇ. لۇغەتنىڭ ئىشلەتكۈچى ساقلىغۇچى بوش ئەھۋال ئاستىدا 100 سائەتكىچە ئاۋازغا ئىلىشقا بولىدۇ. باتارىيە: 1050 مىللىئامپىرلىق لىتىيلىق باتارىيە. ( ئۆلچەملىك نوكىيا يانفوننىڭ BL_5C لىق باتارىيەسىنى ئىشلىتشكىمۇ بولىدۇ.) ئۇچۇر يولاش ئىغىزى: ئۆلچەملىك كىچىك USB ئىغىزىنىڭ 2-نەشىرىدىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ. ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ئۇچۇر يوللاش سىمى: شىركىتمىز مەخسۇس ياساتقان سۈرئىتى تېز بولغان، زەرەتسىزلەش يۇمۇلاقچىسى ئورنۇتۇلغان USB سىم سەپلەپ بېرىلىدۇ. 
 

بىزنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمىز، سىزنىڭ ئەتىكى مۇۋەپپىقىيتىڭىز ئۈچۈن...

     ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت لىنىكىس (Linux) مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان بولۇپ، لۇغەت سىسىتېمىسىنىڭ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى يۇنىكود (Unicode) نى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىل-يېزىقى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن. 32 خانلىق سىستېما قىلىپ ئىشلەندى. ئاۋاز، سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە قويۇشقا بولىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي، سۈرئىتى تېز، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ، ئېكران كۆرۈنمە يۈزى، خەت چوڭلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرغان شەكىلدە ئۈچ خىل قىلىپ تاللىۋالسا بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

     لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە قاتارلىق بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە 84300 سۆزنىڭ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە سۆزلەرگىمۇ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلدى. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى كىرگۈزۈلدى. بۇ لۇغەتتە ھەر بىر خەنزۇچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى، پىنيىنى، خەنزۇچە چۈشەندۈرلۈشى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى، سۆز تۈركۈمى، سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى، جۈملىلەر، ئىنگلىزچە مەنىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش يىتەكچىسى بولالايدۇ.

      لۇغەتكە  240*400 ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك 2.8 دىيۇملۇق ھەقىقي يۇقېرى ئىنقلىقتىكى، 16:9 نىسبەتتىكى ئۆلچەملىك ئېكران ئىشلىتىلدى. لۇغەتكە GB4 لىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتتىنTF  كارتا سەپلەپ لۇغەت ئومۇمىي سىغىمىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20GB قا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. لۇغەتنىڭ ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز ئېلىشقا بولىدۇ. لۇغەت مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. FLAC، MP3، WMA، WAV، OGG فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججەتلەرنى ۋە MP4،AVI ،RM ،RMVB ،WMV ،ASF ،FLV  ،DAT ،MPG ،MP4 ،VOB ،3GP  فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشقا بولىدۇ.  لۇغەتكە  1050 مىللىئامپىرلىق لىتىيلىق باتارىيە ( ئۆلچەملىك نوكىيا يانفوننىڭ BL_5C لىق باتارىيەسىنى ئىشلىتشكىمۇ بولىدۇ.) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئاۋاز ھۆججىتى قويۇشتا 7 سائەتتىن ئارتۇق يېتىدۇ. سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشتا 4 سائەت يېتىدۇ. باتارىيەنى بىۋاستە زەرەتلىگۈچكە سىلىپ زەرەتلىگەندە باتارىيە زەرەتلىنىپ بولغاندا ئاپتوماتىك زەرەتلەشنى توختىتىدىغان زەرەتلىگۈچ سەپلەندى. تېڭشىغۇچ ئۈچۈنمۇ يۇقېرى ئىنىقلىقتىكى لابا ۋە ئاۋازنى يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەش تەڭشىكى بار تېڭشىغۇچ سەپلەندى. 

كۆرۈنمە يۈزنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغان شەكىلگە بەلگىلەشكە بولىدۇ.

 

 
     http://www.irpan.com/Download/T01/ui1.png

ئادەتتىكى ئۇسلۇب

http://www.irpan.com/Download/T01/ui2.bmp

كۆك ئاسمان ئۇسلۇبى

http://www.irpan.com/Download/T01/ui31.bmp

كىلاسسىك ئۇسلۇب

            ;لۇغەت ئىقتىدارى، لۇغەت سۆزلۈكلىرى، لۇغەت ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ،  ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىچە بولغان لۇغەت سۇپىسى ھازىرلانغان. بۇرۇنقى لۇغەتلەردە يوق بولغان يېڭىچە، تىل ئۆگەنگۈچىلەر زۆرۈر بولغان يېڭى ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.

    لۇغەت مەزمۇنىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئالتە چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار لۇغەت، ئۆگىنىش، قامۇس، مېدىيە، قوراللار، تەڭشەش.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict.png

 

لۇغەت ئىقتىدارى تاللاش يۈزى

 لۇغەتكە خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلگەن. لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقى لۇغەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئەلالاشتۇرۇلدى.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict1.bmp

سۆز كىرگۈزۈپ ئىزدەش سۇپىسى

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict2.bmp

 

 

باشقا لۇغەتلەردىن تېز ئىزدەش سۇپىسى. لۇغەتنىڭ F2 كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict3.bmp

 

لۇغەت مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىش سۇپىسى. تۈپ سۆزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ لۇغەتنىڭ لابا بەلگىسى بار كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/study.png

ئۆگىنىش مەزمۇن تاللاش كۆرۈنمە يۈزى

ئۆگىنىش: يادنەم، ئېلىپبە، ئۈن دەرىسخانىسى، تېكست، فورمۇلالار، ئېلېمېنتلار، ABCD يەنى سۇئال ئىشلەش، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلۈكى، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/alphabet.bmp

 

ئېلىپبەگە ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇچە تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، قازاق تىلى، تۈرك تىلىنىڭ ئېلىپبەسى كىرگۈزۈلدى.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/formila.BMP

 

 ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيەدىكى فورمىلالار

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

ABCD يەنى سۇئال-جاۋاب شەكىللىك سۇئال ئىشلەش ئىقتىدارى بۇ لۇغەتتىكى ئالاھىدە بىر ئىقتىدارى بولۇپ، خەنزۇچە تۆت مىڭ تۈپ، پىنيىن، خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشى، ئۇيغۇرچە مەنىسى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى قاتارلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، پىنيىن تۆت خىل پىنيىن بىرىلگەن بولۇپ. شۇنىڭ ئىچىدە توغرىسىنى تاللاش ئارقىلىق خەنزۇچە سۆزلەرنى ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ پىنيىنى توغرا ئۆگۈنىشكە ئالاھدە ياردىمى بار.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/ABCD.BMP

سۇئال ئىشلەش كۆزنىكى

خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلەكلىرى ۋە خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى بىرىلدى. ئۆگەنگۈچى ئۆزى كۆرمەكچى بولغان خەنزۇچە خەتنىڭ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرسىلا شۇ خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، شۇنداقلا شۇ خەتنى بىر كۇنۇپكىنى بىسىپلا لۇغەتتىن ئىزدەپ تىپىشقا بولىدۇ.

http://www.irpan.com/Download/T01/xetyizilishi.BMP

خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى كۆزنىكى

قامۇس: شىنجاڭ ئىچىدىكى 20 ساياھەت ئورنىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىنگلىز تىلىدىكى 4-دەرىجىدىن GMAگىچە بولغان ئىمتىھانلارنىڭ سۆزلۈكلىرى ۋە شۇ ئىمتىھانلار توغرىسىدا چۈشەنچە، مەملىكىتمىزنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ پوچتا ۋە رايون نومۇرى، 56 مىللەتنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى ئاتىلىشى ۋە جايلىشىش ئورنى، خەلقئارادىكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىنگلىز تىل گىرامماتىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى.

http://www.irpan.com/Download/T01/qamus.png

قامۇسنىڭ مەزمۇن تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/qiteler.bmp

دۆلەتلەرنىڭ قىتئەلەر بويىچە تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/sayahet.bmp

ساياھەت ئورۇننى تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/pochta.bmp

پوچتا نومۇرنى ئىزدەشتىن بۇرۇن تاللاش كۆزنىكى

مېدىيە: MP3، Mp4، رەسىم كۆرۈش، ئويۇن، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بۇ قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. MP3 قويغۇچ يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە ماس قەدەملىك تېكست ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. MP3 ۋە MP4 قويغۇچنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يەنى ھازىر ئاڭلاۋاتقان ياكى كۆرۈۋاتقان ھۆججەتتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتسە، لۇغەتنى تاقىۋەتسە كېينكى قىتىم دەل شۇ يەردىن باشلاپ قويۇش ئىقتىدارى بار.

http://www.irpan.com/Download/T01/media.png

 مېدىيە ئىچدىكى ئىقتىدارلارنى تاللاش كۆزنىكى

قوراللار:  ئېلكىتاب، دەرس سېتكىسى، كالېندار، ھېسابلىغۇچ، قوڭغۇراق قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

http://www.irpan.com/Download/T01/ebook.bmp

ئېلكىتابنىڭ خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى، رەڭگىنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز. ۋە ھەر بىر ئېكران يەنى ھەر بىر بەت مەزمۇننى كۇنۇپكا ئارقىلىق ئاتلىتىش ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ ئاپتوماتىك ئاتىلىتىش، خەتكۈچ قىلىش قاتارلىق ئېقتىدارلىرى بار. يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى تېكستلەرنى بىمالال كۆرسىتەلەيدۇ.

تەڭشەش:  مەھسۇلات ئۇچۇرى، ساقلىغۇچ ئۇچۇرى، ئاۋاز يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەش، ئېكران ئىنىقلىقى، ۋاقىت تەڭشەش، لۇغەت ئىچىلغاندا پارول كىرگۈزۈپ ئىچىشنى بەلگىلەش، كۆزنەك ئۇسلۇبىنى تاللاش، نورمال كىرگۈزگۈچنى تاللاش، كۆرۈنمە يۈز تىلىنى بەلگىلەش ۋە لۇغەتنى سىستېمىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

http://www.irpan.com/Download/T01/system.png 

بەلگىلەشنى تاللاش كۆزنىكى

ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت مەزمۇنى، سۈپىتى، كۆرۈنمە ئۇسلۇبى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردە بۇرۇنقى لۇغەتلەردىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ. بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى 698 سوم بولۇپ، لۇغەتكە سەپلەپ بىرىلىدىغان قوشۇمچىلار؛

  

نامى

سانى/  数量

名称

«IRPAN T01»

1

《一帆 T01》

ئىشلىتىش قوللانمىسى

1

使用手册

ئاسراش سومكىسى

1

保护袋

ئۇچۇر سىمى (USB سىمى)

1

USB 数据线

زەرەتلىگۈچ

1

充电器

باتارېيە

1

电池

ھۆددە رېمونت كارتىسى

1

保修卡

تىڭشىغۇچ

1

耳机

لۇغەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلاردا بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى 698 سوم.

لۇغەتنىڭ ئىتقدارلىرىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز شىركىتمىزگە تېلېفون قىلىڭ ياكى ئىشلىتىش قوللانمىسى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىڭ.

新公网安备 65010202000452号