خەۋەرلەر
ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى
  • 2016-03-21
  • 3901
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ Intel Atom N270/N450، ئىچكى ساقلىغۇچ 1~2GB ، قاتتىق دىسكا 160~320GB (Sata 5400RPM) ،سۈرەت بىرتەرەپ قىلغۇچ Intel 950، ئىكران 11.6 دىيۇملۇق ،كەڭ ، LG ماركىلىق1366×768 ئىنىقلىقتىكى LED ئىكران ، سىمسىز دائىرلىك تور IEEE 802.11b/g IEEE 802.11n باتارىيە 3 ئۈزەكلىك لىتىيلىق باتارىيە ،كامىرا 1مىليۇن 300مىڭ پىكسىللىق ،Bluetooth ،Wi-Fi سەپلەنگەن ، 3G, TV, GPSقوللايدۇ SD كارتا ئوقۇيدۇ ،ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا , سىرتقى ئۆلچىمى mm280 ×190.5 mm×, 21.8 mm ئېغىرلىقى Kg 1.21، رەسمى نەشىردىكى Windows XP قاچىلانغان ،كۆپ تىللىق ئىرپان لۇغىتى ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىملاچى قاچىلانغان . 
 

     ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بىر يېڭىلىقى ئۇنىڭغا ئىرپان لۇغىتى قاچىلانغان بولۇپ، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچىنىڭ 16 دىن ئارتۇق لۇغىتى«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى»نى سىتېۋالغانلارغا ھەقسىز قاچىلاپ بىرىلگەندىن باشقا، Microsfot Office Word مۇھىتىدا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سۆزلەرگە قارىتا كوررېكتورلىق قىلىش يۇمشاق دىتالىمۇ ھەقسىز قاچىلاپ بىرىلىدۇ.

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى يەنى 3G ئىقتىدارى سىزنى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا تور دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىڭىزغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

 «ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ كۆك چىش ئىقتىدارى سىزنىڭ رەسىم، ناخشا-مۇزىكا قاتارلىق ھۆججەتلىرىڭىزنى كومپيۇتېردىن باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرگە ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق قاچىلاش ۋە يۆتكەش ئاۋارىچىلىقىدىن مۇستەسنا قىلىپ، زامانغا لايىق ياشاش تۇيغۇڭىزنى ئاشۇرۇىدۇ.

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا نەپىس قىلىپ بېسىلغان ئۇيغۇرچە ھەرپلەر، كومپيۇتېرغا قاچىلانغان Windows XP مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى ۋە كومپيۇتېرنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ خىل تىل ئارىسىدا خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولۇشتەك ئالاھىدە ئىقتىدارى سىزنى يېڭىچە تۇيغۇغا ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ GPS ئىقتىدارى يەنى «يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى» ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ۋە يول يۈرگەندە، سەپەر قىلغاندا سىزگە يول باشلىغۇچى بولالايدۇ.

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» نىڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە قوبۇللاش ئىقتىدارى سىزنىڭ دۇنيا ئېقىم مەسىلىلىرىدىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇشىڭىزغا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىنو ۋە سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھرى ئېلىشىڭىزغا قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

新公网安备 65010202000452号