خەۋەرلەر

ئىلىم - ئىرپان، ھۆنەر - سەنئەتنى ئۆزىگە يار تۇتقان يەكەندىكى قېرىنداشلارغا  تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى  يەكەننىڭ مەركىزىگە يېڭىدىن سىلىنغان غەربىي يۇلتۈز بىناسىدا ئىرپان مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى ئاچتۇق. تېلېفون: 13139983161

ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان يەنئەن يولىدا 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3- كۈنى داڭلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان ئىرپان ئېلېكتىرون  دۇكىنى ئىچىلدى!

بۇدۇكاندا ،ipad ،iphon ,HTC ,Samsung ,SONY ,NOKIA  قاتارلىق داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ شىياڭگاڭ نۇسخىسى سېتىلىدۇ. دۇكاندىكى مەھسۇلاتلار ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئەر زان، ئەڭ ئىشەنچىلىك.

ئىرپان تارىم 01 تىپلىق لۇغەتكەر تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوشۇلدى.

  • مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۈزگەن ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە قامۇس
  • خەنزۇچە لۇغەتلەردىن ئىزدىگەن سۆزلەرگە بەشتىن جۈملە تۈزۈپ بىرىش
  • ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردىن ئىزدىگەن سۆزلەرگە بەشتىن جۈملە تۈزۈپ بىرىش
  • ئۇيغۇر تىل ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ يەتتە توملۇق تولۇق نۇسخىسى

بۇرۇن لۇغەت سىتېۋالغانلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، خوتەندىكى باش سىتېش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ لۇغىتىگە يېڭى ئىقتىدارنى قاچىلىتىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىز قاچىلايمەن دەپ ئويلىسڭىز شىركتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ توردىن لۇغەتنىڭ يېڭىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    قاچىلاش جەريانىدا لۇغەتتە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى بۇزۇپ قويسىڭىز ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.

ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى

2011-11-22

 

2011-يىلى 16-دېكابىر ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ تاراتقۇ بىناسىدا ‹‹ ئالتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكتىرون كارخانىلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئالىي مۇنبىرى ›› يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا شىركىتمىز ياراتقان «ئىرپان» ماركىسى جۇڭگو ئېلېكتىرون سودا ئىشلىرى جەمئىيىتى بىخەتەر ئۇچۇر كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا تاۋار ماركىسى ئىستېراتىگىيە ئورنى تەرىپىدىن 429 مىليون بولۇپ باھالىنىپ ‹‹ 2011-يىلدىكى جۇڭخۇا ئاز سانلىق مىللەت ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى ماركا ›› دېگەن شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولدى.

ئىرپان شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر

شىركىتىمىز بۇندىن بۇرۇنمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 2006-يىلى «جۇڭگو ئېلېكتىرون كەسپىي كارخانلىرى ئىچىدىكى ھاياتىي كۈچى زور 300 كارخانانىڭ بىرى» دېگەن شەرەپكە، 2008-يىلى ‹‹ غەربىي رايوندىكى داڭلىق ئېلېكتىرون ماركىسى ›› دېگەن شەرەپكە، 2009-يىلى گوۋۇيۈەن تور ئاخبارات ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ‹‹ جۇڭگو ئىشەنچلىك كارخانا سىستېمىسىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ›› دېگەن نامغا، 2010-يىلى  شىركىتىمىز ياراتقان ئىرپان ماركىسى ‹‹ جۇڭخۇا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى 10 چوڭ ئىختىراۋىي ماركا ›› دېگەن شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.

 

يىغىندىن كېيىن شىركىتىمىز باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

 

 

 

     ئادرېس:    ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 388-نومۇر (مائارىپ نازارىتى ئۇدۇلىدا)
     تېلېفون:    4000-842-100
     فاكس:    0991-8560800
     پوچتا نومۇرى:    830049
     ئېلخەت:    irpanbiz@gmail.com
          
     سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى
      
     تېلېفون:    0991-8562100
     ئېلخەت:    irpanservice@irpan.com

مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى

  

         0991-8562100        

 

 

    ئادرېس:    ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 388-نومۇر (مائارىپ نازارىتى ئۇدۇلىدا)
     تېلېفون:    0991-8562100
     فاكس:    0991-8560800
     پوچتا نومۇرى:    830049
     ئېلخەت:    irpanbiz@gmail.com
          
     سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى
      
     تېلېفون:    0991-8562100
     ئېلخەت:    irpanbiz@sina.com

 

ئىرپان

 


ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى 2003 – يىلى قۇرۇلدى.

 شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۈچ تىللىق ئېلېكترون لۇغەت IRPAN A33نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.

2004 – يىلى 8 – ئايدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان IRPAN UC233 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سالدى.

2005 – يىلى 7- ئايدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان IRPAN 100 تىپلىق لۇغەتنى ئىشلەپچىقىرىپ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

2006 – يىلى ئەتىيازدا ئەرەب، ئىنگلىز، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت 4 تىلنى ئاساس قىلغان IRPAN 310 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سالدى.

2007 – يىلى 8 – ئايدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە 3 خىل تىل، 9 يۆنىلىشلىك لۇغەت، تەلەپپۇز ئىقتىدارى، MP3 ئىقتىدارى قېتىلغان IRPAN 330 تىپلىق لۇغەتنى بازارغا سېلىپ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

2007 – يىلى 10 – ئايدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن "ئىرپان ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى" نى بازارغا سېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلدى.

2008 – يىل ئاپرېلدا قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان IRPAN K308 تىپلىق ئېلېكترون لۇغەتنى ئىشلەپ چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

2008 – يىلى 12 – ئايدا رۇس تىلى قوشۇلغان، 4 تىلنىڭ 16 خىل يۆنۈلۈشتىكى لۇغەتلىرى كىرگۈزۈلگەن رەڭلىك ئېكرانلىق لۇغەتنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ رايونىمىزدىكى رۇس تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە زور خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى.

2009-يىلى ئىرپان لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن، تېلېۋىزۇر كۆرۈش ئىقتىدارى ئىگە تۇنجى ئىرپان يانفونى بازارغا سېلىندى.

2009-يىلى «دىۋانى لۇغەتى تۈرك» قوشۇلغان، سەزگۈر ئېكرانلىق، PDF, Word, Excel, HTML ھۆججەتلىرنى كۆرۈشكە بولىدىغان لېنىكۇس سىستېمىلىق 9 تىللىق لۇغەتنى ئىشلەپچىقارغان.

2010-يىلى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالغان دەرسلىك كىرگۈزۈلگەن «ئىرپان 2010» تىپلىق ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرىنى بازارغا سالغان.

2010-يىلى يەنە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش، ساۋاد چىقىرىش ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن «ئىرپان شادىمان بالىلار ئاۋازلىق كىتاب» چەكمە قەلەملىك بىر يۈرۈش كىتابلارنى بازار سالغان. 

2010-يىلى يەنە شىركىتمىز ئۆزى بىر قوللۇق تەتقىق قىلىپ، مودىل ئىچىپ ئىشلەپ چىققان ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق، رەڭلىك ئېكرانلىق، بەش تىللىق لۇغەت بازارغا سېلىنغان.

2011-يىلى شىركىتمىز تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۈزۈپ چىققان «ئىرپان شادىمان بالىلار ئاۋازلىق كىتابلىرى» ئاساسىدىكى قازاقچە چەكمە قەلەم ئىشلەپچىقىرىلغان. 

2011-يىلى ئىرپان تارىم تۈرى T6 تىپلىق، ئالتە تىللىق، ئاۋازلىق لۇغەت بازارغا سېلىنغان.

2011-يىلى يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك كىرگۈزۈلگەن، يېڭى دەرسلىكلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخسۇسلاشقان «ئىرپان ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى»نى بازارغا سالغان.

2012-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۈيۈك ئەسەر، تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ نەسرىي يەشمىسىنىڭ ئاۋازلىق نەشرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. 

2013-يىلى شىركىتمىز ياشلارغا ۋە ئاتا-ئانىلارغا پەند-نەسىھەت خاراكتىرىدىكى بىر نەچچە پارچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان. 

2014-يىلى ئىرپان لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن ئاندىروئىد سىستېمىلىق ئىككىنجى ئەۋلاد ئىرپان يانفونىنى بازارغا سالغان.

2015-يىلى 1-ئايدا شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنى ئىشلەپچىقىرىپ،  بېيجىڭ خەلق سارىنىڭ بېيجىڭ يىغىن زالىدا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان ئالاھىدە تارقىتىش مۇراسىمى ئىلىپ بىرىلدى.

2015-يىلى 9-ئايدا («بىر بەلباغ، بىر يول»نى قانداق چۈشىنىمىز) ناملىق ئاۋازلىق ۋە كىتاب شەكىلدىكى نەشرى بازارغا سېلىندى.

2015-يىلى 11-ئايدا قازاق ئالىمى ئاباي قۇنانباينىڭ «ئاباي ھېكمەتلىك سۆزلىرى» ناملىق ئاباينىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە ئۈچ تىلدىكى ئاۋازلىق نەشرى ۋە كىتاب نەشرى بازار سېلىندى.

2015-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نەشرى ۋە كىتابىنى نەشرى قىلىپ بازارغا سالدى.

2016-يىلى 2-ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۇيغۇرچە نەشرى ھوقۇقىنى سېتىۋىلىپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىپ چىققان «ئىنتېرنېت دەۋرى» ناملىق ئون قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى نەشرى قىلىپ بازارغا سالدى. 

 


2006 – يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىندا ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ "ئىرپان" ماركىسى جۇڭگودىكى ئېلېكترون كاخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى 300 شىركەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ليەنشاڭ، خەيئېر، كاڭجيا، چۇاڭۋىي، TCL قاتارلىق شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مېدىيە بىناسىدا "ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلىشى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى" يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگونىڭ داڭلىق ئېلېكترون شىركەتلىرىدىن ليەنشاڭ، خەيئېر، چۇاڭۋىي، كاڭجيا، TCL قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر قاتناشقاندىن سىرت رايونىمىز تەۋىسىدىن ئېلېكترون مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەردىن ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىمۇ قاتناشتى. 2008 – يىللىق جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىدا "ئىرپان" ماركىسى 49 مىليون يۈەنلىك ماركا قىممىتى بىلەن 281 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، "جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىسى ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور داڭلىق ماركا" ۋە "غەربى رايوندىكى داڭلىق ئېلېكترون ماركىسى" دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 

新公网安备 65010202000452号