خەۋەرلەر

ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكترون لۇغەت دۇنياغا كەلگەن 4 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ۋە ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولۇۋاتقان ئىرپان لۇغەتلىرى رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىل ئۆگىنىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەتقىقات، تەرجىمە، سودا-ساياھەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، يېڭى تۈر ئىچىش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش بىر كارخانىنىڭ روناق تېپىشىنىڭ ئاساسى. ئىرپان شىركىتىمۇ بۇ جەھەتتە توختاۋسىز ئىزدەندى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش، تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى 2008 - يىل ئاپرېلدا قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان IRPAN K308 تىپلىق ئېلېكترون لۇغەتنى ئىشلەپچىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى. قازاق تىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا خەنزۇچە - قازاقچە، قازاقچە - خەنزۇچە، ئىنگلىزچە - قازاقچە، خەنزۇ تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، كەسپىي لۇغەتلەر، تەبىئي پەن فورمۇلىلىرى ۋە خەنزۇچە، ئىنگلىزچە سۆزلەرنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىپ بېرىش، ناخشا - مۇزىكا قويۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن IRPAN K308 تىپلىق بۇ لۇغەت قازاق تىلىدىكى تۇنجى ئېلېكترون لۇغەتتۇر، شۇنداقلا قازاق تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇكەممەل لۇغەتلەرنىڭ زامانىۋى تېخنىكا ئاساسىدا ئەپچىل جەملىنىشىدۇر. ئىشىنىمىزكى، ئېلېكترون لۇغەتلىرى ئۆگەنگۈچىلەرنى تېز، ئۈنۈملۈك، قولاي ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگۈسى ھەمدە ھەممىمىزنىڭ ئىزدىنىش سەپىرىگە ھەمدەم بولغۇسى.

2008 - يىل 4 - ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات سارىينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، قازاق قېرىنداشلارنىڭ سۇلتان جانبولاتوفتەك مەشھۇر ئالىم، رەھبەر، تىلشۇناسلىرى ۋە ھەر قايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن ۋەكىللەردىن بولۇپ 180دىن ئارتۇك ئىلىم ئەھلى ئىرپان شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان قازاق تىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئېلېكترون لۇغىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بەس-بەستە قۇتلۇقلاشتى ھەمدە بىردەك ھالدا ئىرپان شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا رەھمەت ئېيتتى. 

لۇغەت تىل ئۈچۈن تۈۋرۈك، تىل ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. تىل ئۈچۈن تۈۋرۈك بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈككە پۇختا ئاساس سېلىۋاتقان ئىرپان شىركىتى ئالدىنقى بەش يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالدىدا مەغرۇرلانماستىن داۋاملىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپۇنچە ۋە تۈركچە قاتارلىق سەككىز تىلنىڭ ھەر خىل يۆنىلىشتىكى 45 لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن ئىرپان ئوكيانۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سالدى.

مەزكۇر لۇغەت لىنىكس (Linux) مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن، كۆپ تىللىق، كۆپ ئىقتىدارلىق، مول مەزمۇنلۇق لۇغەت بولۇپ، ئۇ قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

قاتتىق دېتال جەھەتتە: 480*272 ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك، سېزىمچان ئېكران بولۇپ، بارماق ياكى قەلەم بىلەن مەشغۇلات قىلىنىدۇ،2GB  ساقلىغۇچ بولغاندىن سىرت يەنە GB4 لىق SD كارتا سەپلەپ، سىغىمىنى 6GB غىچە كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تېلېۋىزورغا ئۇلاش ئېغىزى بار.

يۇمشاق دېتال جەھەتتە: لىنىكس (Linux) مەشغۇلات سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە، ئۇنىڭدىن باشقا Word، Excel، PDF، Real Player قاتارلىق قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار قاچىلانغان.

ئىنگلىزچە، خەنزۇچە خەتلەر ۋە سانلارنى قەلەم ياكى بارماق ئارقىلىق يېزىش (HWR) تېخنىكىسى ۋە تېكست تەلەپپۇز قىلىش (TTS) تېخنىكىسى قوللىنىلغان.

كومپيۇتېردا ناخشا-مۇزىكا، كىنو ياكى رەسىم كۆرگىلى بولغاندەك مەزكۇر لۇغەتتىمۇ ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويغىلى، شۇنداقلا ئۇنى ئائىلە ئالبۇمى قىلىپ ئىشلەتكىلى ۋە ئۈنئالغۇ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

مەزمۇن جەھەتتە: لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپۇنچە ۋە تۈركچە قاتارلىق سەككىز تىلنىڭ ھەرخىل يۆنىلىشتىكى 45 لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، لۇغەت ئامبىرىنى داۋاملىق كىڭەيتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە خەلقىمىزنىڭ دۇنياغا مەشھۇر شاھانە ئەسىرى « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك » كىرگۈزۈلگەن.

لۇغەتكە ئائىت مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە ئۆگىنىش، يادنامە، ئىشخانا قوراللىرى، دۆلەتلەر ئۇچۇرلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تىل ئۆگىنىشكە ۋە بىلىم دائىرىمىزنى كېڭەيتىشكە ياردىمى بولىدىغان نۇرغۇن سەرخىل مەزمۇنلار قوشۇلغان.

ئىرپان ئوكيانۇس ئۇيغۇر ئېلېكترون لۇغەتچىلىك ساھەسىدىكى شۇنداقلا جۇڭگو ئېلېكترون لۇغەتچىلىك ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ، ھەر ساھە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 


ئىرپان شىركىتى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بېرى ئۆزلۈكسىز تېخنىكا يىڭىلاش ئارقىلىق كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. ئېلېكترون ساھەسىدە يېڭى يول ئېچىپ، دەسلەپكى قوش يۆنىلىشلىك ئاددىي ياسالغان بىرىنچى ئەۋلاد لۇغەتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ئون ئەۋلاد لۇغەت ئىشلەپچىقاردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە، مۇرەككەپ تېخنىكىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، رۇسچە، تۈركچە، ياپونچە، قازاقچە قاتارلىق سەككىز تىلنى ھەم «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرپان ئوكيانۇس لۇغىتىنى بازارغا سالغان ئىدى. 
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئىرپان شىركىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئىرپان TV يانفوننى بارلىققا كەلتۈردى.
مەزكۇر مەھسۇلات  PDA (Personal Digital Assistant) تىپلىق (خۇسۇسىيلار رەقەملىك ياردەمچىسى) رەڭلىك ئېكرانلىق يانفون GSM ۋە GPRS تور مۇھىتىدا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەنگەن سېزىمچان ئېكرانلىق يانفون بولۇپ، قوش كارتا (قوش نومۇر) قوللايدۇ، ئىككىلا كارتا بىرلا ۋاقىتتا كۆچمە ئالاقىلىشىش تورىغا ئۇلىنىدۇ. سىزنى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يانفون ۋە لۇغەت كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

 

irpan phone

 

 

GSM ئىنگلىز تىلىدىكى Global System for Mobile Communications نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، "خەلقئارا كۆچمە ئالاقە سىستېمىسى" دېگەن مەنىدە؛ GPRS ئىنگىلىز تىلىدىكى General Packet Radio Service نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا "سىمسىز ئالاقە كېلىشىمى" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. GSM بىلەن GPRS نىڭ ئىككىلىسى كۆچمە ئالاقە تېخنىكا ساھەسىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لۇغەت ئىقتىدارى قوشۇلغان يانفوندا نورمال سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە يانفونغا قەلەم ئارقىلىق يېزىش، سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى، تېلېفون دەپتىرى، سايراش ئاۋازى، سائەت ۋە قوڭغۇراق، كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، بىرلىك ئالماشتۇرۇش، ساغلاملىق باشقۇرۇش، ھېسابلىغۇچ، ئويۇن، ئۈنئالغۇ، چاستوتىسى مودۇلاتسىيىلەنگەن رادىئو (FM) ، كۆك چىش (Blue tooth)، سىنئالغۇ ئىقتىدارى، MP3، MP4 قويغۇچ قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىقتىدارلار سەپلەنگەن. ئىچكى سىغىمنى كېڭەيتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سىزنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىڭىزنى قامدىيالايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە يانفوننىڭ سىمسىز تېلېۋىزور سىگنالىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سىزنىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان جايدا دۇنيا ئېقىم مەسىلىلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىڭىز ۋە كۆڭۈل ئېچىشىڭىزدا ئايرىلماس ھەمراھ بولالايدۇ.
ئىرپان يانفونىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ لۇغەت ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. يانفونغا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ۋە ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە قاتارلىق ئۈچ تىلنىڭ تۆت يۆنىلىشتىكى لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىزنىڭ يانفوننىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىل ئۆگىنىش، تەتقىقات، سەيلە-ساياھەت ۋە سودا-تىجارەت قاتارلىق كۈندىلىك ئىشلىرىڭىزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ ئىشلەنگەن ۋە كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن بولۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىشى مۇقىم، ئىنكاسى تېز، سېزىمچان ئېكراننىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى. كۆرۈنمە تىزىملىكنىڭ تىل تۈرى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
ئىقتىدار جەھەتتىن ئېيتقاندا، يانفوندا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىقتىدارلاردىن باشقا يەنە ئېلكىتاب، ئۈن قويۇش، سىن قويۇش، ئۈنئالغۇ، رەسىم تارتىش، سىرتتىن GB8 لىق مىكرو كارتا سەپلەش، رادىئو ئاڭلاش، ئۈچ تىلنىڭ تۆت يۆنىلىشتىكى لۇغىتى، سىمسىز تورغا ئۇلاش، سىمسىز تېلېۋىزور قوبۇل قىلىش ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار.
ئىرپان يانفونى يۇنىكود ھالىتىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق تىللارنىڭ ئېلكىتابلىرىنى قوللايدۇ. ئاۋاز ھۆججەتلىرىدىن MP3،WAV قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. سىن ھۆججەتلىرىدىنMP4 ، 3GP قاتارلىقلارنى قوللايدۇ. رەسىم ھۆججەتلىرىدىن GIF ،BMP، JPG،  PNGلارنى قوللايدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىۋاتقان ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (3G) دىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تېلېگرافى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى يولغا قويغان ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنتېرنېت تورىغا چىقىشقا،  كۆچمە تېلېۋىزىيە سىگنالىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئىشلىتىشچانلىقى ھەقىقىي رەۋىشتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇ مەھسۇلات ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىڭىزدىن چىقىشتا سىزگە قول ھەم قانات بولالايدۇ!

2009 - يىل 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «ئىرپان ئوقۇغۇچىلار سوۋغىسى» لۇغىتى بازارغا سېلىندى.

«ئىرپان ئوقۇغۇچىلار سوۋغىسى» لۇغىتىگە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق تىللارنىڭ يەتتە لۇغىتى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسلىرنىڭ  سۆزلۈكلىرى، ئۆگىنىش، جۈملە، ھېسابلاش، ۋاقىت، ئويۇن قاتارلىق سەرخىل مەزمۇن ۋە ئىقتىدارلار قوشۇلغاندىن سىرت كۈرنىشى كۆركەم ، باھاسى ئەرزان ئىشلىتىش قۇلاي بۇلۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئومۇملاشقۇسى.  

 

2010 - يىل 2- ئاينىڭ 15 - كۈنى «ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» بازارغا سېلىندى.

ئىرپان شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلېكترون لۇغەتچىلىك ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئويناپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىزغىرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ياپونچە قاتارلىق تىللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدار، ھەر خىل شەكىلدىكى ئېلېكترون لۇغەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، سودا ۋە تۇرمۇشلىرىغا زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. كومپيۇتېر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

«ئىرپان ھەردەم كومپيۇتېرى» غا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows XP سىستېمىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى قاچىلانغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ كۆرۈنمە يۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق تىللار ئارىسىدا تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى 32 ھەرپ نەپىس قىلىپ بېسىلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

كومپيۇتېرغا يەنە ئۇيغۇر تىلى كوررېكتور يۇمشاق دېتالى «ئىملاچى» قاچىلانغان بولۇپ، كومپيۇتېردا باسقان يېزىقلاردىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىشكە بولىدۇ.

كومپيۇتېرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدار ئۇنىڭغا قاچىلانغان لۇغەت ئىقتىدارى. لۇغەت قىسمىغا ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە ئىنگلىز تىلىنىڭ 16 تۈرلۈك لۇغىتى قوشۇلغان.

كومپيۇتېر قاتتىق دېتال جەھەتتىن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىمسىز تورغا چىقىش، كۆك چىش ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقا ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرى بىلەن ھۆججەت ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. يەنە ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى ئارقىلىق سىمسىز تورغا چىقىش يەنى 3G ئىقتىدارى قوشۇلغان. كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى سىغىمى 1GB ، قاتتىق دىسكا سىغمى 250GB, 160GB ، ئېكران چوڭلىقى 11.6 ديوم، ئېغىرلىقى 1.2 كىلوگرام، رەڭگى قارا ۋە قىزىل.

بۇلاردىن باشقا يەنە كومپيۇتېرغا تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇللاش كارتىسى (TV Card) سەپلەش ئارقىلىق سىمسىز تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

 

2010 - يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى «ئىرپان 2010» تىپلىق ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى.

«ئىرپان2010»  ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى ھەر خىل يۇقىرى تېخنىكا ۋە مائارىپ تەپەككۇرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، رەقەملىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە «خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىنىش» ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان، كۆپ ۋاستىلىق ئىقتىدارلار (مېدىيە ئىقتىدارى) بىر گەۋدىلەشكەن نادىر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «كەسپىي بولۇش، قولايلىق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ۋە ئاددىي بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇ «ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ يۈرۈش ئاسان بولۇش» تەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە. «ئىرپان 2010» ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

 7 ديۇملۇق سۇيۇق كرىستال ئېكران، يۇقىرى ئىقتىدارلىق 32 بىتلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)، WinCE 5.0 مەشغۇلات سىستېمىسى، پۈتۈنلەي يان كومپيۇتېردەك لايىھىلەنگەن ۋە ئۆلچەملىك كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەن، مائۇس سەپلەنگەن.

 خەنزۇچە، ماتېماتىكا، ئىنگلىزچە، خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى قوشۇلغان.

 ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق 8 تىلنىڭ 72 لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن.

 خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت، سۆز ۋە جۈملىلەرنى تەلەپپۇز قىلىش. ئىنتېرنېت تورىغا چىقىش.

 مىكروسوفت Office ئائىلىسىدىكىWord، Excel، PowerPoint ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش، PDF ۋە HTML ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش ئىقتىدارى.

 ئاۋاز قويۇش (MP3)، كىنو قويۇش (MP4)، فلەش ئويۇنى (Flash)، ئاۋاز ئېلىش ۋە قويۇش.

 «ھېكمەت» گە شىركىتىمىز تەييارلىغان «ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتى بېرىلگە 

          &n bsp;            &nbs p;           

2010 - يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى «ئىرپان 2010» تىپلىق ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى.

«ئىرپان2010»  ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى ھەر خىل يۇقىرى تېخنىكا ۋە مائارىپ تەپەككۇرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، رەقەملىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە «خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىنىش» ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان، كۆپ ۋاستىلىق ئىقتىدارلار (مېدىيە ئىقتىدارى) بىر گەۋدىلەشكەن نادىر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «كەسپىي بولۇش، قولايلىق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ۋە ئاددىي بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇ «ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ يۈرۈش ئاسان بولۇش» تەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە. «ئىرپان 2010» ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

 7 ديۇملۇق سۇيۇق كرىستال ئېكران، يۇقىرى ئىقتىدارلىق 32 بىتلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)، WinCE 5.0 مەشغۇلات سىستېمىسى، پۈتۈنلەي يان كومپيۇتېردەك لايىھىلەنگەن ۋە ئۆلچەملىك كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەن، مائۇس سەپلەنگەن.

 خەنزۇچە، ماتېماتىكا، ئىنگلىزچە، خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى قوشۇلغان.

 ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق 8 تىلنىڭ 72 لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن.

 خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت، سۆز ۋە جۈملىلەرنى تەلەپپۇز قىلىش. ئىنتېرنېت تورىغا چىقىش.

 مىكروسوفت Office ئائىلىسىدىكىWord، Excel، PowerPoint ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش، PDF ۋە HTML ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش ئىقتىدارى.

 ئاۋاز قويۇش (MP3)، كىنو قويۇش (MP4)، فلەش ئويۇنى (Flash)، ئاۋاز ئېلىش ۋە قويۇش.

 «ھېكمەت» گە شىركىتىمىز تەييارلىغان «ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتى بېرىلگە 

          &n bsp;            &nbs p;           

2010 - يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى «ئىرپان 2010» تىپلىق ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى بازارغا سېلىندى.

«ئىرپان2010»  ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى ھەر خىل يۇقىرى تېخنىكا ۋە مائارىپ تەپەككۇرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، رەقەملىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە «خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىنىش» ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان، كۆپ ۋاستىلىق ئىقتىدارلار (مېدىيە ئىقتىدارى) بىر گەۋدىلەشكەن نادىر قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «كەسپىي بولۇش، قولايلىق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش ۋە ئاددىي بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇ «ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ۋە ئېلىپ يۈرۈش ئاسان بولۇش» تەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە. «ئىرپان 2010» ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

 7 ديۇملۇق سۇيۇق كرىستال ئېكران، يۇقىرى ئىقتىدارلىق 32 بىتلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)، WinCE 5.0 مەشغۇلات سىستېمىسى، پۈتۈنلەي يان كومپيۇتېردەك لايىھىلەنگەن ۋە ئۆلچەملىك كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەن، مائۇس سەپلەنگەن.

 خەنزۇچە، ماتېماتىكا، ئىنگلىزچە، خىمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى قوشۇلغان.

 ئۇيغۇرچە، قازاقچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، رۇسچە قاتارلىق 8 تىلنىڭ 72 لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن.

 خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە خەت، سۆز ۋە جۈملىلەرنى تەلەپپۇز قىلىش. ئىنتېرنېت تورىغا چىقىش.

 مىكروسوفت Office ئائىلىسىدىكىWord، Excel، PowerPoint ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش، PDF ۋە HTML ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش ئىقتىدارى.

 ئاۋاز قويۇش (MP3)، كىنو قويۇش (MP4)، فلەش ئويۇنى (Flash)، ئاۋاز ئېلىش ۋە قويۇش.

 «ھېكمەت» گە شىركىتىمىز تەييارلىغان «ياشلار ئۈچۈن 101 ھېكمەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتى بېرىلگەن.

    ئىرپان شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى قىرغىز تىلى بۆلۈمى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان تۇنجى ئەۋلاد قىرغىزچە ئېلېكترون لۇغەت 2010 - يىل 4- ئاينىڭ 28 - كۈنى  قىرغىز خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تۇنجى ئەۋلاد قىرغىزچە ئېلېكترون لۇغەتنىڭ تەتقىقى قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئاپتونوم رايون ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تۇنجى ئەۋلاد قىرغىزچە ئېلېكترون لۇغەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 2010 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھرىدە تۇنجى ئەۋلاد قىرغىزچە لۇغەتنى تارقىتىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

 

بىزنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمىز، سىزنىڭ ئەتىكى مۇۋەپپىقىيتىڭىز ئۈچۈن...

     ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت لىنىكىس (Linux) مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدا قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان بولۇپ، لۇغەت سىسىتېمىسىنىڭ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى يۇنىكود (Unicode) نى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىل-يېزىقى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن. 32 خانلىق سىستېما قىلىپ ئىشلەندى. ئاۋاز، سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە قويۇشقا بولىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي، سۈرئىتى تېز، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم بولۇپ، ئېكران كۆرۈنمە يۈزى، خەت چوڭلىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرغان شەكىلدە ئۈچ خىل قىلىپ تاللىۋالسا بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

     لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە قاتارلىق بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە 84300 سۆزنىڭ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە سۆزلەرگىمۇ ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلدى. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار لۇغىتى كىرگۈزۈلدى. بۇ لۇغەتتە ھەر بىر خەنزۇچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى، پىنيىنى، خەنزۇچە چۈشەندۈرلۈشى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى، سۆز تۈركۈمى، سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى، جۈملىلەر، ئىنگلىزچە مەنىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ. خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىش يىتەكچىسى بولالايدۇ.

      لۇغەتكە  240*400 ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك 2.8 دىيۇملۇق ھەقىقي يۇقېرى ئىنقلىقتىكى، 16:9 نىسبەتتىكى ئۆلچەملىك ئېكران ئىشلىتىلدى. لۇغەتكە GB4 لىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىرتتىنTF  كارتا سەپلەپ لۇغەت ئومۇمىي سىغىمىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20GB قا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. لۇغەتنىڭ ئۈنئالغۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز ئېلىشقا بولىدۇ. لۇغەت مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي كۇنۇپكا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. FLAC، MP3، WMA، WAV، OGG فورماتتىكى ئاۋاز ھۆججەتلەرنى ۋە MP4،AVI ،RM ،RMVB ،WMV ،ASF ،FLV  ،DAT ،MPG ،MP4 ،VOB ،3GP  فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشقا بولىدۇ.  لۇغەتكە  1050 مىللىئامپىرلىق لىتىيلىق باتارىيە ( ئۆلچەملىك نوكىيا يانفوننىڭ BL_5C لىق باتارىيەسىنى ئىشلىتشكىمۇ بولىدۇ.) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئاۋاز ھۆججىتى قويۇشتا 7 سائەتتىن ئارتۇق يېتىدۇ. سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇشتا 4 سائەت يېتىدۇ. باتارىيەنى بىۋاستە زەرەتلىگۈچكە سىلىپ زەرەتلىگەندە باتارىيە زەرەتلىنىپ بولغاندا ئاپتوماتىك زەرەتلەشنى توختىتىدىغان زەرەتلىگۈچ سەپلەندى. تېڭشىغۇچ ئۈچۈنمۇ يۇقېرى ئىنىقلىقتىكى لابا ۋە ئاۋازنى يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەش تەڭشىكى بار تېڭشىغۇچ سەپلەندى. 

كۆرۈنمە يۈزنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغان شەكىلگە بەلگىلەشكە بولىدۇ.

 

 
http://www.irpan.com/Download/T01/ui1.png

ئادەتتىكى ئۇسلۇب

http://www.irpan.com/Download/T01/ui2.bmp

كۆك ئاسمان ئۇسلۇبى

http://www.irpan.com/Download/T01/ui31.bmp

كىلاسسىك ئۇسلۇب

           لۇغە ت ئىقتىدارى، لۇغەت سۆزلۈكلىرى، لۇغەت ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولۇپ،  ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىچە بولغان لۇغەت سۇپىسى ھازىرلانغان. بۇرۇنقى لۇغەتلەردە يوق بولغان يېڭىچە، تىل ئۆگەنگۈچىلەر زۆرۈر بولغان يېڭى ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.

    لۇغەت مەزمۇنىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ئالتە چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار لۇغەت، ئۆگىنىش، قامۇس، مېدىيە، قوراللار، تەڭشەش.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict.png 

لۇغەت ئىقتىدارى تاللاش يۈزى

 لۇغەتكە خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە بەش تىلنىڭ 30 دىن ئارتۇق لۇغىتى كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە ھەقىقي ئادەم ئاۋازى ئىشلىتىلگەن. لۇغەت ئىزدەش ئىقتىدارى بۇرۇنقى لۇغەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئەلالاشتۇرۇلدى.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict1.bmp

سۆز كىرگۈزۈپ ئىزدەش سۇپىسى

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict2.bmp

 

 

باشقا لۇغەتلەردىن تېز ئىزدەش سۇپىسى. لۇغەتنىڭ F2 كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/dict3.bmp

 

لۇغەت مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىش سۇپىسى. تۈپ سۆزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تولۇق ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ لۇغەتنىڭ لابا بەلگىسى بار كۇنۇپكىسىنى باسسىلا بولىدۇ.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/study.png

ئۆگىنىش مەزمۇن تاللاش كۆرۈنمە يۈزى

ئۆگىنىش: يادنەم، ئېلىپبە، ئۈن دەرىسخانىسى، تېكست، فورمۇلالار، ئېلېمېنتلار، ABCD يەنى سۇئال ئىشلەش، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلۈكى، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/alphabet.bmp

 

ئېلىپبەگە ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇچە تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، قازاق تىلى، تۈرك تىلىنىڭ ئېلىپبەسى كىرگۈزۈلدى.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/formila.BMP

 

 ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيەدىكى فورمىلالار

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

ABCD يەنى سۇئال-جاۋاب شەكىللىك سۇئال ئىشلەش ئىقتىدارى بۇ لۇغەتتىكى ئالاھىدە بىر ئىقتىدارى بولۇپ، خەنزۇچە تۆت مىڭ تۈپ، پىنيىن، خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشى، ئۇيغۇرچە مەنىسى، مەنىداش، قارىمۇ قارشى سۆزلىرى قاتارلىق مەزمۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، پىنيىن تۆت خىل پىنيىن بىرىلگەن بولۇپ. شۇنىڭ ئىچىدە توغرىسىنى تاللاش ئارقىلىق خەنزۇچە سۆزلەرنى ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ پىنيىنى توغرا ئۆگۈنىشكە ئالاھدە ياردىمى بار.

 

http://www.irpan.com/Download/T01/ABCD.BMP

سۇئال ئىشلەش كۆزنىكى

خەنزۇچە خەتلەرنىڭ يان بۆلەكلىرى ۋە خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى بىرىلدى. ئۆگەنگۈچى ئۆزى كۆرمەكچى بولغان خەنزۇچە خەتنىڭ كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرسىلا شۇ خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، شۇنداقلا شۇ خەتنى بىر كۇنۇپكىنى بىسىپلا لۇغەتتىن ئىزدەپ تىپىشقا بولىدۇ.

http://www.irpan.com/Download/T01/xetyizilishi.BMP

خەنزۇچە خەتنىڭ بىخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلىشى كۆزنىكى

قامۇس: شىنجاڭ ئىچىدىكى 20 ساياھەت ئورنىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىنگلىز تىلىدىكى 4-دەرىجىدىن GMAگىچە بولغان ئىمتىھانلارنىڭ سۆزلۈكلىرى ۋە شۇ ئىمتىھانلار توغرىسىدا چۈشەنچە، مەملىكىتمىزنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى، شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ پوچتا ۋە رايون نومۇرى، 56 مىللەتنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى ئاتىلىشى ۋە جايلىشىش ئورنى، خەلقئارادىكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى، ئىنگلىز تىل گىرامماتىكىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى.

http://www.irpan.com/Download/T01/qamus.png

قامۇسنىڭ مەزمۇن تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/qiteler.bmp

دۆلەتلەرنىڭ قىتئەلەر بويىچە تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/sayahet.bmp

ساياھەت ئورۇننى تاللاش كۆزنىكى

http://www.irpan.com/Download/T01/pochta.bmp

پوچتا نومۇرنى ئىزدەشتىن بۇرۇن تاللاش كۆزنىكى

مېدىيە: MP3، Mp4، رەسىم كۆرۈش، ئويۇن، ئاۋازغا ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بۇ قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. MP3 قويغۇچ يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە ماس قەدەملىك تېكست ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. MP3 ۋە MP4 قويغۇچنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يەنى ھازىر ئاڭلاۋاتقان ياكى كۆرۈۋاتقان ھۆججەتتىن چىكىنىپ چىقىپ كەتسە، لۇغەتنى تاقىۋەتسە كېينكى قىتىم دەل شۇ يەردىن باشلاپ قويۇش ئىقتىدارى بار.

http://www.irpan.com/Download/T01/media.png

 مېدىيە ئىچدىكى ئىقتىدارلارنى تاللاش كۆزنىكى

قوراللار:  ئېلكىتاب، دەرس سېتكىسى، كالېندار، ھېسابلىغۇچ، قوڭغۇراق قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

http://www.irpan.com/Download/T01/ebook.bmp

ئېلكىتابنىڭ خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى، رەڭگىنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز. ۋە ھەر بىر ئېكران يەنى ھەر بىر بەت مەزمۇننى كۇنۇپكا ئارقىلىق ئاتلىتىش ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ ئاپتوماتىك ئاتىلىتىش، خەتكۈچ قىلىش قاتارلىق ئېقتىدارلىرى بار. يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى تېكستلەرنى بىمالال كۆرسىتەلەيدۇ.

تەڭشەش:  مەھسۇلات ئۇچۇرى، ساقلىغۇچ ئۇچۇرى، ئاۋاز يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەش، ئېكران ئىنىقلىقى، ۋاقىت تەڭشەش، لۇغەت ئىچىلغاندا پارول كىرگۈزۈپ ئىچىشنى بەلگىلەش، كۆزنەك ئۇسلۇبىنى تاللاش، نورمال كىرگۈزگۈچنى تاللاش، كۆرۈنمە يۈز تىلىنى بەلگىلەش ۋە لۇغەتنى سىستېمىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

http://www.irpan.com/Download/T01/system.png 

بەلگىلەشنى تاللاش كۆزنىكى

ئىرپان تارىم تۈرى T01 تىپلىق لۇغەت مەزمۇنى، سۈپىتى، كۆرۈنمە ئۇسلۇبى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردە بۇرۇنقى لۇغەتلەردىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ. بىر تۇتاش سېتىلىش باھاسى 698 سوم بولۇپ، لۇغەتكە سەپلەپ بىرىلىدىغان قوشۇمچىلار؛

  

نامى

سانى/  数量

名称

«IRPAN T01»

1

《一帆 T01》

ئىشلىتىش قوللانمىسى

1

使用手册

ئاسراش سومكىسى

1

保护袋

ئۇچۇر سىمى (USB سىمى)

1

USB 数据线

زەرەتلىگۈچ

1

充电器

باتارېيە

1

电池

ھۆددە رېمونت كارتىسى

1

保修卡

تىڭشىغۇچ

1

耳机

新公网安备 65010202000452号