خەۋەرلەر

2006-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئېلېكترون ساھەسىدە داڭلىق ماركا يارىتىش سەپىرى» نىڭ يوپۇق ئىچىش مۇراسىمى ۋە ئېلېكترون كارخانلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى باھالاپ ئېلان قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى. سودا مىنىستىرلىكى، ئۇچۇر مىنىستىرلىكى، جۇڭگو ئېلېكترون سودا جەمئىيىتنىڭ رەھبەرلىرى، جۇڭگودىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ماركا مۇتەخەسسىسلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگو ئېلېكترون ساھەسىدىكى داڭلىق ماركا تەرەققىيات زور پىلانىنى كېڭەشتى.

بۇ نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى باھالاش ۋە ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى سىفىرلىق مەھسۇلاتلار تۈرى بويىچە «مەھسۇلات ماركىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور كارخانا» شەرىپىگە ئېرىشتى.

2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مېدىيە بىناسىدا "ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى داڭلىق ماركىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى" يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگونىڭ داڭلىق ئېلېكترون شىركەتلىرىدىن ليەنشاڭ، خەيئېر، چۇاڭۋىي، كاڭجيا، TCL قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر قاتناشقاندىن سىرت رايونىمىز تەۋەسىدىن ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىمۇ قاتناشتى ھەمدە يىغىندا ئىرپان شىركىتنىڭ باشلىقلىرىمۇ سۆز  قىلدى.

بۇ يىغىننى جۇڭگو ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىكى، سودا مىنىسىترلىكى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇچۇر سانائىتى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا تاۋار ماركىسى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى، تېڭشۈن تورى، جۇڭخۇا تاۋار ماركىسى تورى، جۇڭگو ئېلېكترون تىجارىتى جەمئىيىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى كومىتېتى تەشكىللەشنى ئۈستىگە ئالغان.

2008 - يىللىق جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىدا "ئىرپان" ماركىسى 49 مىليون يۈەنلىك ماركا قىممىتى بىلەن 281 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، "جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىسى ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور داڭلىق ماركا" ۋە "غەربى رايوندىكى داڭلىق ئېلېكترون ماركىسى" دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

ئىسلاھات ۋە ئىچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېلېكترون سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا ھازىر جۇڭگودا 60 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ئېلېكترون كارخانىلىرى ۋە شىركەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ئېلېكترون سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئېلېكترون شىركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىگە خاس بولغان ماركا يارىتىپ، ئۆز ماركىسىنى قوغداش، شۇ ماركا نامىدىكى مەھسۇلاتلارنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش جەھەتتە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، يەنە نۇرغۇن ئېلېكترون شىركەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ماركا تىكلەش ئېڭى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بۇ ھال مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق بازاردا ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان.

جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى، دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ يىلدىن يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو تاۋارلىرىنى ماركىلاشتۇرۇش خىزمىتى تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇ ۋەجىدىن جۇڭگو ئۇچۇر مىنىستىرلىكى، جۇڭگو ئېلېكترون سودا مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، جۇڭگو ماركا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو سودا-سانائەت باش ئىدارىسى قاتارلىق مەزكەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار جۇڭگودىكى ئېلېكترون كارخانىلىرىنىڭ ماركا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىنى بىرلىكتە ئويۇشتۇردى.

شىركەتلەرنىڭ ماركا قىممىتى ھەر بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى، كۆلەملىشىش ئەھۋالى، تېخنىكا كۈچى، سېتىلىش ئەھۋالى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى، ئىجتىمائىي ئورنى، مالىيە كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىن ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش بېكىتىلدى.

ماركا قىممىتىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل ۋە ھەقىقىي ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەسىس قىلىندى. نەتىجىدە، يىغىنغا قاتناشقان شىركەت ۋە كارخانا رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا  رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى.

2006 - يىللىق ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىغا ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون شىركىتىمۇ قاتناشتى. "ئىرپان" ماركىسى جۇڭگودىكى ئېلېكترون كاخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى 300 شىركەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، جۇڭگودىكى ليەنشاڭ، خەيئېر، كاڭجيا، چۇاڭۋىي، TCL قاتارلىق شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىرپان شىركىتى  2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى گوۋۇيۈەن تور ئاخبارات ئىدارىسى، سودا مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن "جۇڭگو ئىشەنچلىك كارخانا سىستېمىسىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن" دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

http//china.cn

 

http//xjyfdz.cn.china.cn

 

 

2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئىرپان شىركىتى تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىلىرى ماركا قىممىتىنى باھالاش يىغىنىغا قاتنىشىپ «جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىچىلىقىدىكى ئون چوڭ ئىختىراۋى ماركا»، «جۇڭخۇا ئېلېكترون كارخانىچىلىقىدىكى 10 چوڭ يىللىق ماركا دىرېكتورى» شەرپىگە نائىل بولدى. «ئىرپان» ماركىسىنىڭ ماركا قىممىتى 192 مىليۇن يۈەن بولۇپ باھالاندى. يىغىن ئەھلى بىردەك ھالدا ئىرپان ماركىسىنىڭ ماركا قىممىتىنىڭ يىلدىن يىلغا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى تەبرىكلەشتى ۋە ئىرپان شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئىرپان شىركىتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى ۋە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئارقا ئارقىدىن خەۋەر قىلىندى.

20- ئەسىر دۇنيا ئېلېكترون سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بىر ئەسىر بولدى. تەرەققىياتنىڭ ھەربىر قەدىمى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن تولىمۇ يىراقتا قالغان بىزنى تېخىمۇ ئېغىر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا پاتۇرۇشقا باشلىدى. بىز ئۆگىنىشكە، چۈشىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر شۇنچە كۆپەيدى...كۆپ تىل بىلىش بىلىم ئېلىش،  دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئايلاندى.

بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق تەقدىرى ئۇنىڭ باشقا مىللەت مەدەنىيىتى بىلەن قانچىلىك سەۋىيىدە دىئالوگلىشالايدىغانلىقىغا باغلىق. دىئالوگ تىلدىن باشلىنىدۇ. چۈشىنىش تىلنى ۋاسىتە قىلىدۇ. بىلىش- بىلدۈرۈش تىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. قانچىكى كۆپ تىل بىلىدىغانلار باشقىلارنىمۇ شۇنچە ياخشى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنىمۇ باشقىلارغا شۇنچە قايىل قىلارلىق تۈستە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

دۇنيانىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر تىل ئۆگىنىشتە تېخىمۇ ئەپچىل، ئۈنۈملۈك، تېز ئۇسۇل- ۋاسىتىلەرگە مۇھتاج بولدى. مانا مۇشۇنداق تەخىرسىز زۆرۈرىيەت ۋە خەلقىمىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر توپ ئىجتىھاتلىق ياش ئورتاق بىر نىيەت، ئورتاق بىر ئىستەكتە بىر يەرگە جەملەندى. ئىلىم- ئىرپان ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ ئاخىرى «ئىرپان» بولۇپ مەيدانغا كەلدى ۋە ئىلىم ئېلىش، دۇنيانى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىنىڭ بىرىگە ئايلانغان تىل ساھەسىدە رايونىمىزدا بوشلۇق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېلېكترون لۇغەت ساھەسىگە يۈرۈش قىلماقچى بولدى.

 

 

«ئىرپان» ئەسلىي پارس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «ئىرپان» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىزچىل ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن سۆزدۇر. «ئىرپان» سۆزى ئىپادىلىگەن مەنىسىنىڭ چوڭقۇر،  تىلغا يېقىن، قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ماركا سۈپىتىدە 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگە ئالدۇرۇلغان.

   ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتى 2003 - يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى. 

新公网安备 65010202000452号